باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى

__ پارتىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى توغرىسىدا

2017.10.27 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بۇ دەقىقە بەلگە خاراكتېرلىك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى سايلاپ چىقىلىپ، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى؛ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى ماقۇللاندى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر قارار قىلىندى؛ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلار ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتى تەستىقلاندى.

  بۇ 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يول باشچىسى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ تايانچى.

  ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيلى! يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگونى يېتەكلەپ، يەلكەننى تارتىپ يەنە يولغا چىقتى.

  ھەيۋەتلىك تاغنىڭمۇ چوققىسى بولىدۇ.

  ___ دۆلەت ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسى.

  قاينام-تاشقىنلىق يىللاردا چوقۇم كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مىنۇتلار بولىدۇ.

  بىر يىل ئىلگىرى ئالتۇن كۈزدە، بېيجىڭدا ئېچىلغان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى قىلىپ بېكىتىلىپ، خەلق سارىيىدا جاراڭلىق ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  بۇ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈشى، مىلياردلىغان خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر