2017-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
سۈرەتتە: ۋەكىللەر قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بەرمەكتە.
تارىخىي مۇساپىدە ھامان بەزى مۇھىم تۈگۈنلەر بار بولۇپ، خۇددى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ماياكتەك، تارىخىي ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ
— 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى.
شۇ تاپتا، جۇڭگونىڭ تارىخىي ئورنى بېكىتىلىپ، تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
يىڭى دەۋردە، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ھەرىكەت قىبلىنامەسى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالى نامايان بولدى.
يىڭى دەۋرنىڭ مۇساپىسى باشلاندى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ئۇچراشقان پەيتتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىل نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ سىگنالىنى چالدى.
يىڭى دەۋردە، يەلكەن تەييارلاندى. پات ئارىدا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەڭگۈ بوشاشماسلىق روھىي ھالىتى ۋە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش روھى بىلەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، غەلىبىنىڭ شانلىق قىرغىقىغا قاراپ يۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى