باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

ــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2017.10.25 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭى بۇرچ يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى تۈرلۈك قارالما ۋە مۇقەددەس بۇرچنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. پارتىيەمىز مەڭگۈ بوشاشماس روھىي ھالىتى ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىياپىتى بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاتاكا سېگنالىنى چالدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاي يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى تەستىقلىدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلىدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمىسى)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى. بۇ، بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىق قۇرۇلتىيى، غەلىبە قۇرۇلتىيى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇرۇلتىيى بولۇپ، پارتىيەمىز ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  قۇرۇلتاي يولداش شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتقا يۈكسەك باھا بەردى. دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يەكۈنلەندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى ۋە تەڭپۇڭ بولمىغان، يېتەرلىك بولمىغان تەرەققىيات ئارىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق چوڭ-چوڭ سىياسەتلەر توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى سىستېمىلىق شەرھلەندى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ، بايراق كۆتۈرۈلگەن، يۆنىلىش كۆرسىتىلگەن، تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، ئۇلۇغۋار پىلان سۈرەتلەنگەن ياخشى دوكلات بولۇپ، پارلاق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، داۋاملىق يېڭى سەھىپە يارىتىشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر