باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى مۇساپىدە يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز

(يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپ . ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ ساداسى)

2017.10.24 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن 20-قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى مۇنداق دېدى: يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپە ئېچىشقا تىرىشىمىز.

  «مائارىپ ئىشلىرىنى چوقۇم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك» دېگەن سۆز بىلەن خىزمەت پىكىر يولۇم تېخىمۇ ئېنىق، يۆنىلىشىم تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ، تېخىمۇ غەيرەتكە تولدۇم، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  ___ چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل ياڭ لاڭلاڭ

  ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچكىلى بولمايدۇ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىر ئاساسىي قاتلام رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، «ئىككىلەنگۈچى، ھۇرۇن، قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغان»لاردىن بولماي، «قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان»لاردىن بولۇپ، كادىرلار، ئاممىنى غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئۇلۇغ خەرىتىنى قەدەممۇ-قەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەيمەن.

  __ خۇبېي ئۆلكىسى يىدۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لو ليەنفېڭ

  ھەر قانداق خىزمەت ئورنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇزاق يىل 1-سەپتە مۇلازىمەت قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھازىر «چيۇزى مۇلازىمىتى» ماركىسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ھەق ئېلىش ساھەسىنىڭ مۇلازىمەت ئۆلچىمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنى ئەلا سۈپەتلىك يۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسەم دەيمەن.

  __ بېيجىڭ شەھىرى پايتەخت تاشيول تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېيجىڭ-شېنياڭ تارماق شىركىتىنىڭ ھەق ئالغۇچىسى، ۋەكىل فاڭ چيۇزى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا تورلىرىنى ياخشىلاشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ توك تەقسىملەش تورى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ئامما توكنى مۇقىم، بىخەتەر ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2035-يىلغىچە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز.

  __ دۆلەت ئېلېكتىر تورى جياڭسۇ دەنياڭ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك يولى سىنىپنىڭ مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى، ۋەكىل فاڭ مېيفاڭ

  توققۇز قەۋەتلىك مۇنار پارچە-پارچە كېسىكتىن قوپۇرۇلىدۇ. ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، داۋاملىق «مىخ مىخلاش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي، پۇختا ئىشلەپ، ئەمگەك شەرەپلىك دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە ئىشنى مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىشتەك كەسىپنى سۆيۈش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت «چوڭ دەرەخ»كە بىر تامچە بولسىمۇ تۆھپە قوشىمەن.

  __ سىچۈەن ئۆلكىسى «چاڭخۇڭ» شىركىتىنىڭ كۆپ ۋاسىتە ميەنياڭ ئىشلەپچىقىرىش تارماق بۆلۈمىدىن ۋەكىل تاڭ شىخۇي

  گېئولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 26 يىلدىن بۇيان، تاغ بۇرغىلاپ، قارلىق تاغلارغا چىقىپ، مۇز كېچىپ، مەشغۇلات ئۈسكۈنىلىرىنى ئۈستىدە ئۇخلىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىزلىكتە ۋەتەن ئۈچۈن كان بايلىقلىرىنى ئىزدەيمەن.

  __ شىزاڭ يەر قىدىرىش ئىدارىسى 6-گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى بۇرغىلاپ چارلاش يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىسى، ۋەكىل شىياڭبا جاشى

  يېڭى نىشان، يېڭى مۇساپە كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. ھەر بىر كىشى يېڭى مۇساپىدىكى بىللە ئىلگىرىلىگۈچى، شىياڭلى مەھەللىمىز مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرىدۇ.

  __ تيەنجىن شەھىرى نەنكەي رايونى شىياڭلى مەھەللە پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋاڭ يۆخۇا

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر