باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يېڭى نىشان، يېڭى مۇساپە توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرە قىلىشتى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئاچايلى

2017.10.24 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلۇغ نىشان بېكىتىلىپ، مىلياردلىغان خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يېتەكلىدى؛ يېڭى مۇساپە باشلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ بۇرغىسىنى چالدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قايناق ھېسسىيات بىلەن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىپ، تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلىساقلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  يېڭى نىشان دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى نۇرلاندۇردى

  2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشقان ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشقان باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىدۇ.

  جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ياڭ جېنبىن باش بارمىقىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگولۇقلار چەكسىز ئىپتىخارلىنىدىغان يېڭى نىشان. پارتىيەمىز ئوخشىمىغان تەرەققىيات مەزگىلىدە ئارقا-ئارقىدىن يېڭى نىشانلارنى بېكىتىپ، مىلياردلىغان ئاممىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ ئارزۇنى تېخىمۇ بېيىتتى، بىزنىڭ تېخىمۇ ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ماي ماتېرىياللىرى گۇرۇھىنىڭ مېخانىكى، ۋەكىل ليۇ يۇڭچىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى نىشان بېكىتىلگەندىن كېيىن يۆنىلىشىمىز تېخىمۇ ئېنىق، قەدىمىمىز تېخىمۇ پۇختا بولدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قانداق بولىدۇ؟ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى تەسۋىرلەندى: دۆلىتىمىز ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى جەھەتتە باشلامچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، خەلقىمىز تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ. يېڭى دەۋر ماياكقا ئوخشاش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىنى يورۇتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر