باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى يېڭى دەۋردىكى يېڭى بۇرۇچ توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بىلەن يېڭى ئىشلارنى قىلايلى

2017.10.22 18:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-ئاينىڭ 21-كۈنى «جۇڭگو يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى» ناملىق ئۈچ مىنۇتلۇق مىكرو سىن پىروگراممىسى توردا تېز تارقالدى، تورغا چىقىرىلغان 12 سائەتنىڭ ئىچىدە توردا چېكىپ قويۇلۇشى 100 مىليون قېتىمدىن ئاشتى.

  سىن پىروگراممىسىدا يەتتە ئادەتتىكى كىشى ئەڭ ئاددىي سۆزلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلىدى.

  يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا: «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى. نۇرغۇن ۋەكىللەر باش شۇجىنىڭ بۇ يەكۈنى بەك ياخشى بولدى دېيىشتى، جۇڭگو ئارزۇسى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى، خەلقنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى __ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى بېكىتتى، شۇنداقلا يېڭى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشنىڭ ياڭراق بۇرغىسىنى چالدى.

  بۇ يېڭى دەۋر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېڭى تارىخىي بۇرچنى قانداق زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك؟ يولداش شى جىنپىڭ بۇ سوئاللارنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا چوڭقۇر شەرھلىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋەكىللەر يېڭى دەۋر ۋە يېڭى بۇرچنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرە قىلىشىپ، بىردەك مۇنداق دېدى: مەڭگۈ بوشاشماسلىق روھى ۋە جەسۇرانە كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى دەۋرگە مەردانە قەدەم تاشلاپ، يېڭى بۇرچنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش كېرەك.

  جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرى دۇنيانىڭ يېڭى پۇرسىتى

  19-قۇرۇلتاي دوكلاتى بېرىلىشى بىلەن «يېڭى دەۋر» يىغىن ئىچى-سىرتىدىكىلەر قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە پارتىيەمىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن- تېخنىكا كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە كۈچى، ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشىگە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئورنىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيەنىڭ قىياپىتىدە، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە، خەلقنىڭ قىياپىتىدە، ئارمىيەنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى يىپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرمەكتە.» ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈمنى چىقىرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقىي ئابرۇيغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل لى زېفېڭ مۇنداق دېدى: 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «يېڭى دەۋر» 36 قېتىم تىلغا ئېلىندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي نەزىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجە ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە قويۇپ چىقىرىلغان ئىلمىي ھۆكۈم بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «يېڭى دەۋر» دېگەن سۆز قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگىنى بىلەن نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ مۇھىم ھۆكۈم تارىخىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. غەربنىڭ سىياسىي ئالىملىرىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن: «يېڭى دەۋر»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغىمۇ ئۇيغۇن، دېدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر