باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگوغا ھۆسن قوشايلى

(يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپ • ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ ساداسى)

2017.10.22 18:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا: «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى − دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تاقىلىدىغان تۈپ مەسىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىشنى باشتىن-ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش شەرت» دەپ كۆرسەتتى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى مەڭگۈ بوشاشماسلىق روھى ۋە جەسۇرانە كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  ياخشى سىياسەت بىلەن دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز

  جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرى چېڭشى كوچا باشقارمىسى چىيى كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل خې دېشىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش دېگىنىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلدى، باش شۇجىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى شۇ كۈنى كەچتە تېلېفون بېرىپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى مەدھىيەلىدى.

  يۈننەن ئۆلكىسى جىنپىڭ مياۋزۇ-ياۋزۇ-دەيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى گۇاڭشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ فۇجۇ مۇنداق دېدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يۇرتداشلارغا يېڭى دەۋردە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە باشتىن-ئاخىر يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بەش يىلدىن بۇيان كەنتتىكىلەرنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئېشىپ، بېيىش يولىغا مېڭىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۆردۇق.

  يېڭى ئىدىيە بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيمىز

  خېنەن ئۆلكىسى خۇيشيەن شەھىرى پېيجەي كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پېي چۈنلياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى «دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەندە نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. يېزا ئىگىلىكى چوڭ ئۆلكىسىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. دېھقانلارنى ھەر بىر غېرىچ يەردىن ياخشى پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىپ، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىگە تايىنىپ، ياخشى ئاشلىقنى كۆپ ئىشلەپچىقىرىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر