باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

__ بەش يىللىق ئىسلاھات تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى بېكىتتى (9)

2017.10.17 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش باشتىن-ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ھېسسىياتىدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. دۇنياغا نەزەر سالساقمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش باشتىن-ئاخىر تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك ئىرادە بىلەن پارتىيەنى باشقۇرىدىغان، پارتىيەنى ئىدارە قىلىدىغان پارتىيە يوق.

  بۇ بەكمۇ ئالاھىدە بەش يىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز، ئىچكى سىياسەت، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالىشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، يېڭى مەنزىلىنى ئاچالىشىمىزنىڭ مۇھىم ھالقىسى شۇكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىجادچانلىق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ئۇنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويغانلىقىدا بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە-ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىپ، پارتىيەۋىلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلغان بەش يىلدا، خەلقنىڭ رايى مايىل قىلىندى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى مۇستەھكەملەندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يارقىن نام كارتىسىغا، جۇڭگونىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى ۋە ئىجتىمائىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ماتورىغا ئايلىنىپ، «پارتىيە ـــ جۇڭگو ئىشىنى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى» دېگەننى ئىسپاتلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر