باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شانلىق نەتىجە يارىتايلى

___ «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ئېلان قىلىنغانلىقى توغرىسىدا

2017.10.16 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى تۈزگەن «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»نىڭ تولۇق تېكىستى بۈگۈن گېزىتىمىزدە ئېلان قىلىندى. بۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلغان قىممەتلىك سوۋغا.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بەكمۇ ئالاھىدە بەش يىل بولۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كونىرىغانلىرىنى تاشلاپ يېڭىسىدىن باشلاپ، دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشقا تىرىشىپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بۇرچى بىلەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ تېخى ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولساقمۇ تېخى بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

  يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىغا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئىلمى، مۇكەممەل بولغان ئىدىيە-نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىگە ئېرىشىشى، شانلىق نەتىجە يارىتىشى، يېڭى سەھىپە ئېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر