باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغىچە

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى مۇساپىگە يېتەكلىدى

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

2017.10.13 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن قالتىس بەش يىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا يۈزلىنىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىدىغان سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى يېزىپ چىقتى.

  بەش يىللىق نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى؛ بەش يىللىق ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن مىلياردلىغان ئاممانىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشتى؛ بەش يىللىق تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللەنمەكتە... مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۈرەش، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان شانلىق نەتىجىلەر ئالدىدا جۇڭگو ھېكايىسى يېڭى مەزمۇنىنى باشلاپ، جۇڭگو يولىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

  سەھىپىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغىچە» تېمىسىدىكى چاتما ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئەسلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئورتاق كۈتۈۋالىمىز.

  مۇھەررىردىن

  نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دەۋردە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن كېمە يول بويى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى.

  مۇنداق بىر تەپسىلات كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

  فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارىن 2015-يىلى 3-ئايدا ئېچىلغان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە رەئىس شى جىنپىڭدىن ئۆزى ئوقۇپ چىققان «شى جىنپىڭ ـــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابقا ئىمزا قويۇپ بېرىشىنى سورىدى.

  راففارىن بۇ كىتابنى باشتىن-ئاخىر تولۇپ ئوقۇپ چىقىپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرغاندىن باشقا، يەنە كىتابتىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەرنى ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدە ئېلان قىلدى. ئۇ جۇڭگو رەھبەرلىرىگە «يىراقنى كۆرەر» دەپ باھا بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «سىياسىي غايىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، ئۇلۇغۋار پىلانى ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتى»دىن ھاياجانلىنىپ، كۆپچىلىككە بۇ ئالاھىدە كىتابنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شى جىنپىڭ ـــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب دۇنيادىكى 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا 6 مىليون پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە رەھبەرلەر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگونىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى «مۆجىزىلەرچە» تەرەققىياتىدىن ھەيران بولغان كىشىلەر، «قايسى يولدا مېڭىش كېرەكلىكى، كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەندە جۇڭگودىن ئۆگىنىش»نى تەشەببۇس قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كىتابقا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ «ئۆزگىچە ئىدارە قىلىش يولى»نىڭ يوشۇرۇنغانلىقى، «ئۆزىنىڭ نەزەرىيەسى» بارلىقىنى بىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر