باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى مەنزىلگە قەدەم قويدى

__ بەش يىللىق ئىسلاھات تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى بېكىتتى (4)

2017.10.12 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچەيسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى روشەن ئالاھىدىلىكى قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزگەنلىكىدۇر. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولدى.

  «قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، «قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى، «قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»غا چاقىرىق قىلىندى، رەھبىرىي كادىرلاردىن «قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى»نى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى، «ھەرقانداق مۇھىم ئىسلاھاتتا قانۇننى ئاساس قىلىش كېرەك»لىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلقنى ھەققانىيەت ۋە ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىش»قا ۋەدە بېرىلدى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش چوڭ شاھمات تاختىسىدا، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ رولى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى قايتا-قايتا تەكىتلەندى. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ھەممىسى قانۇن ئىدارە قىلىش رامكىسى، قانۇن ئىدارە قىلىش تايانچى، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلىشىدە ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئېلىمىز جەمئىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى داۋامىدا، ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ھەم تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر