باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مۇقەددەس زېمىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى

جايلاردىكى كادىرلار، ئامما تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالماقتا (19-قۇرۇلتاي مىنۇتلىرى)

2017.10.12 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھەررىر ئىلاۋىسى: يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، سەپەرۋەرلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مۇقەددەس زېمىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى؛ ھەر مىللەت ئامما قەلبداش بولۇپ، كاتتا مەرىكىنىڭ ئېچىلىشىغا تەقەززا بولىۋۋاتىدۇ. بىز بۈگۈندىن باشلاپ «19-قۇرۇلتاي مىنۇتلىرى» مەخسۇس سەھىپىسىنى ئېچىپ، مۇخبىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلام 1-سېپىدىن بەرگەن خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى يەتكۈزىمىز، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشتەك قىزغىن كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ مەۋقەنى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ تۆھپە قوشۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىي ئىشلەپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا قويغانلىقىدەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىمىز.

  ئالتۇن كۈز خۇشاللىق ئىلكىدە مول ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىت.

  ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەمەلىيەت تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ۋە مۇھىم فاڭجېن-سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. مۇقەددەس زېمىندا يېڭى مول نەتىجىلەر يارىتىلىپ، بۈگۈنكى جۇڭگو تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا، بۇرۇننى ئەسلەپ ئىشەنچ چىڭىپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشتى. «سوتسىيالىزم ئەجىر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان»، جايلاردىكى كادىرلار، ئامما باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر