باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«باشتىن-ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەش»

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشكە يېتەكلىشىدىكى سىياسىي خىسلىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسى

2017.10.12 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخنىڭ ساداسى ھەر دائىم جاراڭلىق بولىدۇ.

  «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى − بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز». − 2012-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يېڭىدىن سايلانغان شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، 1500 خەتلىك نۇتۇقىدا «خەلق» دېگەن سۆزنى 19 قېتىم تىلغا ئالدى.

  شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان بەش يىلدا، «خەلق» باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە مەركىزىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر، زور فاڭجېن-سىياسەتلەر، زور خىزمەتلەرگە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 89 مىليون پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىدۇ.

  7-ئاينىڭ 26-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەگە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ئۇنىڭ شانلىق مەنزىلگە قاراپ غەلىبىسېرى يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېگەن چاقىرىقنى چىقاردى.

  100 يىلدىن بۇيانقى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيەمىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلا بولسا، چوقۇم غەلىبىدىن تېخىمۇ زور غەلىبىگە قاراپ ئۆزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قىلالىدى؟

  «باشتىن-ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاش، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەش» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي خىسلىتى، «جۇڭگوچە ئىدارە قىلىش»نىڭ «سىياسىي مەخپىي نومۇرى».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر