باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى نۇرلاندۇرايلى

__ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا

2017.10.11 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر ئىدىيە كىشىلەرنىڭ ئېھتىرام بىلدۈرۈشىگە ئېرىشتى: ماركسىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ، ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەت ئېگىزلىكىنى ئىگىلىدى؛

  بىر بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قەدىمكىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىش، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇلۇغ بايراق؛

  بىر قۇرۇلۇش ئاساسنى مۇستەھكەملىدى: ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى ماركسىزم، بولۇپمۇ جۇڭگوچە ماركسىزمنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈردى. ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى جاسارەت بىلەن دەۋر ئېقىمىنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  ئۇلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مېڭىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش كېرەك.

  56 مىليون پارچە تارقىتىلدى!

  بۇ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى ئوقۇشلۇقى(2016-يىللىق نۇسخىسى)» ناملىق كىتاب ياراتقان نەشر قىلىپ تارقىتىش رېكورتى. ئارزۇ، يول، ئىسلاھات، تەرەققىيات... توغرىسىدا يېزىلغان. كىشىلەر ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ئالىمى كۆڭۈل قويۇپ تۈزگەن ئوقۇشلۇقنى ئوقۇغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ نەزەرىيە سېھرىي كۈچى ۋە ئۇلۇغ ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر