باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلايلى

__ بەش يىللىق ئىسلاھات تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى بېكىتتى

2017.10.10 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سائەتلىك تېزلىكى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان «گۈللەنمە» ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگونىڭ دەۋر رىتىمىنى كۆرسەتتى؛ 2013-يىلدىن 2016-يىلغىچە جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %31.6گە يېتىپ، ئامېرىكا رايونى، ياۋرو ئىشلىتىدىغان رايونلار ۋە ياپونىيەنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى؛ يېقىنقى بەش يىلدا جۇڭگودا يىلدا 10 مىليون كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقۇچىغا ئايلاندى... دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئومۇميۈزلۈك ئاجىز، كىرىم پەرقى چوڭىيىش، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى ئېقىم يامراش ئالدىدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، «كۈچلۈك ۋە مۇقىم ماياك»قا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق تەرەققىياتىنىڭ مەخپىيىتى «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە» دىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يۆنىلىشىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  تەرەققىيات ــ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا دەۋرنىڭ سوئالىغا ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىش جەريانى. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىپ، نوپۇس پايدىسى تەدرىجىي يوقاپ، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ چەكلىمىسى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ، ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈك ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىدى... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان دۆلەت ئىچى-سىرتى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۇزۇن دەۋرىيلىكى ۋە دۇنيانىڭ سىياسەت، ئىقتىساد ئارقا كۆرۈنۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگۈزۈشتەك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىپ، «ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە» يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەكىتلىدى. «تەرەققىيات چوقۇم ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، جەمئىيەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدىغان سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات بولۇشى كېرەك». مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەنلىكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئاجىز بولۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسى، ئۇ يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات كۈچەش نۇقتىسىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى ئۆستۈرۈشىمىزنى ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر