باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى تېخىمۇ كۈچلەنگۈسى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2017.10.09 18:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  __ بەش يىللىق ئىسلاھات تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى بېكىتتى

  يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلنى ئەسلەپ، بۇ بەش يىللىق تەرەققىياتنى بىر جۈملىگە ئىخچاملىساق، ئۇ دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «26-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدىكى: «پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى»، دېگەن جۈملىگە يىغىنچاقلىنىدۇ. تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە رەھبەرلىك كۈچى، تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.

  ھەيۋەتلىك تاغنىڭمۇ چوققىسى، ھەر قانداق ئىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ. پارتىيە ـــ جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ۋە توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ پۇختا تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارىدا نامايان بولىدۇ». پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مىللەت، خەلق، پارتىيەگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈردى. ھۆكۈمەت، ھەربىي، خەلقتىن تارتىپ شەرقىي، غەربىي، جەنۇبىي، شىمالىي، ئوتتۇرا رايوننىڭ ھەممىسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى چوڭ شاھمات تاختىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەممىگە قوماندانلىق قىلىدىغان «شاھ»تۇر، توپ، ئات، زەمبىرەكلەر بولسا ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېنىق بولغاندىلا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆنىلىشى، تەرتىپى، كۈچى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر