باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ دەۋر ساداسىغا قۇلاق سالايلى

__ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرگەن جايلار توغرىسىدا

2017.10.09 18:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەزىپە مۈشكۈل بولسىمۇ، بوران-چاپقۇندا تەڭ ئىلگىرىلەش؛ يول يىراق بولسىمۇ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامنى 50 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 151 كۈندە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ چىقتى.

  خەلق ھەممىدىن ئەلا، دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن، بىر قاتار مەزمۇت قەدەملەر تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىنى تۇتاشتۇردى.

  «كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، تارىخ، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى».

  ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىش دەبدەبىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىزناسى.

  شېنجېندىكى ليەنخۇا تېغى يېشىللىققا پۈركەندى.

  ھېلىقى ئېگىز تاغ فىكۇسىنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى تازا ئاينىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە چىققاندا، بۇ يەردە دەرەخ تىكىپ ئۈمىد ئۇرۇقلىرىنى چاچتى.

  تاغ-داۋانلارنى ئېشىپ، نۇرغۇن جايلارغا باردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەتەن زېمىنىنى ئايلىنىپ، خەلقنىڭ قەلب سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ھەقىقىي ئىشلەپ دەبدەبىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى.

  «بىز چوقۇم باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، جاپانىمۇ ھالاۋەتنىمۇ تەڭ كۆرۈپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كېچە-كۈندۈز ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، تارىخ، خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىمىز كېرەك».

  دۇنيادا ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.

  بىر قاتار ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەر، تەسىرلىك مىنۇتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى كۆزدىن كەچۈرۈش ئىزنالىرىنى خاتىرىلىدى.

  باھار شامىلى يۈزنى سىيپاپ، ھەممە جانلىق ئويغانغاندا، ئۇ ھۆددىگە بېرىشنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى شىياۋگاڭ كەنتىگە بېرىپ، ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى. ئەينى يىلى 18 ئائىلىلىك دېھقان بارمىقىنى باسقان ھويلىغا كىرىپ «ئىسلاھات قىلغاندىلا چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ، ئىسلاھاتنى دائىم تەكىتلەپ، يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  تومۇز يازدا قۇياش يالقۇنجاپ تۇرغاندا ئۇ خۇبېي ئۆلكىسى ئېجۇ شەھىرى چاڭگاڭ بازىرى تۇڭشەن كەنتىنىڭ مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، ئەخلەتلەرنى پىرېسلاش پونكىتى، پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى، شاخ-شۇمبىلارنى گازغا ئايلاندۇرۇش ئۈلگە بازىسىغا بېرىپ، شەھەر-يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «يېزىلارنى دېھقانلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان گۈزەل ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر