باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

"8 بەلگىلىمە-يامانلارغا لەنەت خەنجىرى-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 8 بەلگىلىمىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئومۇمىي بايان"

2017.09.30 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن " 8 بەلگىلىمە-يامانلارغا لەنەت خەنجىرى- پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 8 بەلگىلىمىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئومۇمىي بايان" ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: 8 بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتىدىغان سىياسىي لېكسىكا، ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يامانلارغا لەنەت ئىستىل ئۆزگەرتىشىنى باشلاپ بەردى. 2012-يىلى 4-دېكابىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ھەققىدىكى 8 بەلگىلىمىنى ماقۇللىغاندىن ھازىرغىچە 5 يىل بولاي دەپ قالدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن ئاخىر مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەرىكەتنى ئۈن-تىنسىز بۇيرۇق قىلىپ، ئىجرا قىلىشقا ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، تەپسىلىي نەزەر سېلىپ، بىر نۇقتا ئارقىلىق ھەممە تەرەپلەرگە تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس تۈزۈپ، قىيىن مەسىلىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قىلچە يول قويماي، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  بەش يىلدىن بۇيان 8 بەلگىلىمە پۈتۈن زېمىندا ساپلاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغىدى، پارتىيە ئىچىدە توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، جەمئىيەت ئىستىلى ياخشىلاندى، كادىرلار ۋە ئامما كىچىك ھالقىلار، كىچىك ئىشلاردىمۇ ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتتى. پارتىيەمىز تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە غەلبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر