باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يارقىن نام كارتىسى، ئۆز ئوبرازىنى قايتا تىكلەشنىڭ «بىرىنچى ھەرىكىتى»

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2017.09.29 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر سىياسىي سۆز پارتىيە ئىستىلى، سىياسىي ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلدى؛ بىر تۈرلۈك پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى جۇڭگونى ئۆزگەرتىپ، يېڭى دەۋرنى ياراتماقتا.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كومىتېتى تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئىشنى قائىدە-تۈزۈم بېكىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىن باشلاپ ئۆز ئوبرازىنى قايتا تىكلەشنىڭ «بىرىنچى ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇردى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرى تۆۋەننى باشلاپ بىر مەيدان ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىش، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتەك ئىستىل ئۆزگىرىشى قوزغاپ، ئىلگىرى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىگە يېڭى تۈس كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنى روھلاندۇردى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئىدىيە مۇستەھكەملىنىپ، ئىستىل ياخشىلىنىپ، جاھىل كېسەللەر داۋالىنىپ، ئېكولوگىيە ساپلىشىپ، تۈزۈم مۇكەممەللەشتى، تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، %94.8 كىشى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، %91.8 كىشى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ «تۇنجى خەنجىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ قالدى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يارقىن نام كارتىسى، جۇڭگونىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى ۋە ئىجتىمائىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك سۆزى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ماتورىغا ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر