باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارمىيەنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگيەلىك تەدبىر

2017.09.26 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا « دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگيەلىك تەدبىر ــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىش، روناق تاپقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتىرىسىنىڭ 7-چىسى»ماۋزۇلۇق تەسۋىرى خەۋەر ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ قەلىبداشلىقى تەرەققىيات قېلىپىنى قايتا ئورنىتىش؛ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، گۈللىنىش ئۇلىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتلەر چوڭقۇر، جانلىق بايان قىلىنىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگيەسىگە كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادى قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەم، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن ئارمىيەنى كۈچەيتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئەمەلىي خاتىرىلەندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئالاقىدار سىياسەت تۈزۈملەرنى چىقىرىشقىچە، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما كەسىپلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىدىن ئارمىيەدىن خەلق ئارىسىغا قايتىش، خەلق ئارمىيەگە قاتنىشىش قىزغىن دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگىچە كۆپ ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات قېلىپى تېز شەكىللىنىپ، ئىقتىسادى قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى مۇقىم ماس قەدەملىك، تەڭپۇڭ، سىغىشچان تەرەققىي قىلىپ، ھەيۋەتلىك دەۋر يېڭى سەھىپىسى يېزىپ قالدۇرۇلدى.

  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە ئارمىيە خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يولى غەلبىسېرى بارغانسېرى كېڭىيىپ، يۇغۇرۇلۇش، ھەمبەھرلىنىش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش داستانى يېزىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر