باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ جاراڭلاپ، ئاكتىپ كۈچ تېخىمۇ جانلاندى (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

___ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا

2017.09.21 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلىدى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. مىسلىسىز دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى ۋە سالمىقىنى ئاشۇردى.

  تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تىكلەپ، «تۆت ئىشەنچ»تە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىشلارنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتەك ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا ئىشلارغا يول ئاچتى.___ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى.

  دەۋر، خۇددى قاتتىق قول ئىمتىھان ئالغۇچىغا ئوخشاش قىيىن مەسىلە ۋە خىرىسلارنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ ئالدىغا قويدى.

  گۈللىنىش مۇساپىسىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پەيتىدە، قانداق قىلغاندا ئەگىر-توقاي ئىلگىرىلەش يولىدا ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا مۇرەككەپ جامائەت پىكرى سورۇنى ۋە ئۆركەشلەۋاتقان ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە مەدەنىيەت گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى ماكاننى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئاراغا تارقىتىش ئەندىزىسدە جۇڭگو ساداسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىگىلى بولىدۇ؟

  مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى: بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، مىسلىسىز خىرىس ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز، چوقۇم ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى جامائەت پىكرىنى مۇستەھكەملەش، زورايتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى باش شۇجىنىڭ قەلبىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇندا تۇردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىلدا تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، پارتىيە ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارغا قاتنىشىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى. بىر قانچە سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر