باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پۇختا قەدەم بىلەن گۈللىنىش يولىغا يېتەكچىلىك قىلايلى

2017.09.21 13:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ، گۈللىنىشكە قەدەم قويغان يېڭى ئۇزۇن سەپەر. بۇ، تاش–تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈش يولى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ئىزلارنى بويلاپ قايتا زىيارەت قىلدۇق: شېنجېن ليەنخۇاشەن باغچىسىدا بەش يىل ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن تىككەن تاغ ئەنجۈرى ھازىر بۈك–باراقسان ئۆسكەنىدى؛ دالى شەھىرىنىڭ گۇشېڭ كەنتى يېنىدىكى سۈيى سۈپسۈزۈك ئېرخەي كۆلىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، كۆل سۈيى شامالدا دولقۇنلاپ تۇراتتى؛ گولمود شەھىرىنىڭ چاڭجياڭيۈەن كەنتىدىكى ئاھالىلەر ھازىرغىچە بىر يەرگە جەم بولسىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەلگەن چاغدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ... جايلاردىكى كۈندىن–كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر، كىشىلەرنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان روھى ۋە غەيرىتى بۇ بەش يىلدىكى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ جانلىق ئىزناسىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، ھالقىش ھاسىل قىلغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللىي گۈللىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈرەش ئىزىنى يورۇتۇپ تۇرماقتا.

  «ئەڭ غېمىنى يەيدىغىنىم يەنىلا قىيىنچىلىقى بار ئامما». پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى شەرقىي شىمالدىن چيۇڭخەي، سەنياغىچە، ئېتىز بېشىدىن چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىغىچە، ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك يەتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئېلىمىزدىكى 14 تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونغا بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ پاراڭلىشىپ، ھېساباتنى ئىنچىكە سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. «يېڭى ئۆي سېلىشقا قانچە پۇل كېتىدۇ؟»، «تاغدىن چۈشۈشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟»، «ئاشلىقىڭلار يېتەمدۇ؟»، «ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ئىشى قانداق بولدى؟»، «بالىلار مەكتەپتە ئوقۇدىمۇ؟»... بۇ، ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتقان تىزىملىك. «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەلنىڭ رايىغا بېقىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىش كېرەك». خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى «خەلقنى مەركەز قىلغان» ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئاساسىدا قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بارغانلا يېرىدە ئاممىنىڭ غېمىنى يېيىش بىلەن بىللە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزدى. بەش يىلدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياغ ئىزى يەتكەن جايلار «ئاممىدىن ئېلىپ، ئاممىغا قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسلۇبىنىڭ شاھىتى، شۇنداقلا يەنە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تۈزەيدىغان يېڭى تەرەققىيات يولىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم سىرتقا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چىققاندا، تۇنجى بولۇپ گۇاڭدۇڭنى تاللاپ، «ئىسلاھاتنى، ئېچىۋېتىشنى توختىتىپ قويماسلىق»قا ۋەدە بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى؛ جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش»نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويدى؛ يەنە شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، بېيجىڭ–تيەنجىن–خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تارىخىي، ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى ... ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھىدا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى پىلانلاپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، چوڭقۇر مەزمۇننى ئاممىباب سۆزلەر بىلەن بايان قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، زور ئىستراتېگىيەلەرنى ئۆزى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ۋەزىپىلەرنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. تارىخىي ئۆزگىرىش بولغان بۇ بەش يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى قىلماقچى بولغان بولسىمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدى.

  بەش يىلدىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يائەن ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇپ، ئاق تام، كۆك كاھىشلىق ئۆيلەر سېلىنىپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى؛ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى جىڭگاڭشەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەممىدىن ئاۋۋال نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى؛ چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن ئىقتىساد بەلبېغى يېشىل تەرەققىيات، يېشىل تۇرمۇش، يېشىل كەلگۈسىگە تىرەك بولدى؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركەز قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پايتەختكە خاس بولمىغان ئىقتىدارى تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇلدى... «بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدىغان» ئېتىقاد، «ھەرقانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق» دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق دەل جايلار ۋە تارماقلاردىكى «تۆت ئاڭ»نىڭ نامايەندىسى بولدى، شۇنداقلا ئاممىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن–ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، داۋاملىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، يېڭى روھىي ھالەت ۋە كۈرەش ھالىتى بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالغا سىلجىتايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر