باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق ئارمىيەسىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭرىتايلى (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

-يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشگە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا (5)

2017.09.19 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇن ئىدارە قىلىش-مەدەنىي دۆلەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

  قانۇن ئىدارە قىلىش-زامانىۋى ئارمىيەنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى.

  ھەربىي ئىشلاردا قانۇن-نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن، ھەربىي ئىشلاردا قانۇن-نىزام، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقىچە؛ ئارمىيەنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى كۈچەيتىشتىن، ھەربىي ئىشلار قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشكىچە؛ قانۇن ئىدارە قىلىش يولى ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى پائال مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈشتىن، قانۇن ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە... 90 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا بىر مەيدان چوڭقۇر ھەم تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگۈرۈش بولىۋاتىدۇ.

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلغاندىلا دۆلەت گۈللىنىدۇ. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلغاندىلا، ئارمىيەنىڭ ھەيۋىسى ئاشىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشىدىكى ئاساسىي تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە رەھبەرلىك قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى.

  ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىرى قىلىپ بېكىتىلدى.

  خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈش تارىخىغا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش مەڭگۈلۈك پۈتۈلگەن - 2012-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋە 10-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى. كۆزدىن كەچۈرۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

  «شۇنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەككى، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ، دۇرۇس ئىستىل ۋە پولاتتەك ئىنتىزامنى قەتئىي ساقلاپ، ھەربىي قىسىملارنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بىرلىكىگە، قىسىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

  رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر شەرھلىدى - «ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش - دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى».

  ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش - تارىخىي قانۇنىيەتنىڭ چاقىرىقى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر