باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

(جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ھەققانىي ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

___ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى نەتىجىلىرى توغرىسىدا

2017.09.18 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىش يولىدا داغدام قەدەم تاشلاندى؛ دەۋر ئالمىشىپ تۇرسىمۇ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، چوڭقۇر بۇرچ، كۈلپەت ئېڭى ۋە قەيسەر ئىرادە-پەزىلىتى بىلەن پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ «يېڭىلىپ قېلىشقا بولمايدىغان كۈرەش»تە پارتىيە ۋە خەلققە ياخشى جاۋاب بەردى. بۇ بەش يىلدا پارتىيە بىلەن دۆلەت خىزمىتىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا، ئامما ئەڭ ئالقىشلانغان ئىش ـــــــ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتۇر!

  _____ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چوڭ دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، كۈچلۈك ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز باشقۇرىدىغان كادىردىن 280دىن ئارتۇق كىشى، نازىر-ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 8600دىن ئارتۇق كىشى، ناھىيە-باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 66 مىڭ كىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  ____ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چىرىكلىكنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توستى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 2 مىليون 362 مىڭنى بىر تەرەپ قىلىپ، 1 مىليون 418 مىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، 1 مىليون 409 مىڭ كىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 54 مىڭ كىشىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ____ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى بىلەن ھۆكۈمەت ئىستىلى، جامائەت كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 180 مىڭدىن ئارتۇقنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 240 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى جازالىدى.

  ____ خەلقئارادا قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا كىرىدىغان تۆشۈك قويمىدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، خەلقئارادا قېچىپ يۈرگەن 2566 كىشىنى تۇتۇپ، 8 مىليارد 640 مىليون يۈەننى قايتۇرۇۋېلىپ، ھازىرغىچە «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»نىڭ 45نى قولغا چۈشۈردى.

  ____ ئىستىلنى ياخشىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي قاتلاملارغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلدى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن 1 مىليون 343 مىڭ پارتىيەلىك كادىر، يېزىلاردىكى 648 مىڭ پارتىيەلىك كادىرنى جازالىدى.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سوئال-جاۋاپ قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاممىنىڭ چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش ياكى بىر قەدەر رازى بولۇش نىسبىتى 2012-يىلدىكى %75تىن 2016-يىلى %92.9كە يەتكەن.

  ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، خىيانەتچىلەرنى جازالاش، «يولۋاسنى يوقىتىش»، «چىۋىننى يوقىتىش»، «تۈلكە ئوۋلاش»، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق ــــــــــ چىرىكلىشىشكە يول قويماسلىق ــــــ چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق، ۋەھاكازالار. قىسقىغىنە بەش يىلدا، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك يولىنى تېپىپ چىقىپ، يۈز يىللىق چوڭ پارتىيە «ئۆزلۈك ئىنقىلابى»نىڭ پۈتۈنلەي يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر