باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يېڭى بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلىدى

زور يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش يولى

(جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل . پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش)

2017.09.15 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئەقىل-پاراسەتكە ئىنتىلىش - ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىدۇر». پارتىيەنىڭ كادىرلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچى. ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قابىل كادىرلارغا ئېھتىياجلىق.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئاچقۇچ پارتىيەدە ھەم ئادەمدە. ئاچقۇچ پارتىيەدە بولغاچقا، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئاچقۇچ ئادەمدە بولغاچقا، قۇدرەتلىك، زور يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك».پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىدە، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشتا، ھەر يەر-ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا، كەسىپنى مۇھىم بىلىش، ئادىل ئىش قىلىش-ۋىجدانلىق بولۇش، بىر قېلىپتا چەكلىنىپ قالماي ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  «تۆتنى ئاساس قىلىۋېلىش» خاھىشى بۇزۇپ تاشلاندى، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتە بىر قېلىپتا چەكلىنىپ قالمىدى.

  قابىلىيەتلىك كىشىدىن بىرنى ئىشلەتسەڭ بىر توپ ئىقتىدارلىق كىشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئەخلاقلىق-قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئادەم تاللاشتا قانداق يۆنىلىش بەلگىسى بولسا، شۇنداق كادىرلار ئىستىلى، ھەتتا شۇنداق پارتىيە ئىستىلى بولىدۇ»، دەپ كۆرسەتتى. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، بەزى جايلار ۋە تارماقلار كادىرلارنى ئۆستۈرگەن ھەم تەيىنلىگەندە ئاۋاز، نومۇر، GDP، ياش قاتارلىق تۆت نەرسىنى ئاساس قىلىۋالغاچقا، بىر قىسىم كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكەنىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى تەلىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «تۆتنى ئاساس قىلىۋېلىش» قىيىن مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغاچقا، كادىرلار خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات پەيدا بولۇپ، يېڭى قىياپەت بارلىققا كەلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش»تىن ئىبارەت ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت دەۋر مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.

  دېموكراتىك كۆرسىتىش ئۇسۇلى ياخشىلىنىپ، ئاۋازنى ئاساس قىلىۋېلىش مەسىلىسىدە «قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتاي دېسەڭ، ئوچاقنىڭ ئوتىنى تارت» دېگەندەك ئىش قىلىندى. دېموكراتىك كۆرسىتىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنىڭ ئورنى قايتىدىن بېكىتىلىپ، كۆرسىتىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەشنىڭ «مۇھىم ئاساسى قىلىش» «مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى» قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، دېموكراتىك كۆرسىتىشكە قاتنىشىدىغان خادىملارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولى كۈچەيتىلىپ، ئەلرايىنى ئىپادىلەشنىڭ چىنلىقى ۋە دېموكراتىك كۆرسىتىش سۈپىتى ياخشىلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر