باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

قۇملۇق-چۆللىرىمىز يېشىللىققا ئايلاندى، يۇرت-ماكانىمىز گۈزەل بولۇپ كەتتى، پۇقرالىرىمىز باي بولۇشقا باشلىدى

- دۆلىتىمىزنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چۆللىشىش-قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2017.09.11 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دۇنيا بويىچە يەرنىڭ چۆللىشىشى، قۇملىشىشى كەلتۈرگەن زىيان ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

  مەملىكەت بويىچە چۆللەشكەن يەرنىڭ كۆلىمى 2 مىليون 610 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ دۆلەت زېمىنىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؛ قۇملاشقان يەر 1 مىليون 720 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ دۆلەت زېمىنىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.يامغۇر ياغماي ئۇزاققىچە قۇرغاقچىلىق داۋاملاشسا، بوران چىقىپ تۇرسا، قۇملۇقتىكى سېرىق قۇم تېخىمۇ نۇرغۇن جاينى بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىتىدۇ.

  يېڭى ئەسىرنىڭ كىرىشى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت زېمىنىنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «قۇم بېسىپ كېتىپ ئادەملەر كۆچۈپ كېتىش»تىن «ئادەملەر كۆچۈپ كېلىپ، قۇمنى چېكىندۈرۈش»تەك تارىخىي ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كاتەكچىسىمان سامان توساق بىلەن قۇم بارخىنىنى توسۇپ قالدى، توپ-توپ قوي، كالىلار قوتانغا كىردى، يېشىل ئوت-چۆپلۈك كۆلىمى تېخىمۇ كېڭەيدى. دۆلىتىمىز جۇڭگوچە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يولىدا مېڭىپ، يەرنىڭ چۆللىشىشى، قۇملىشىشىدىن ئىبارەت بۇ «يەر شارىنىڭ راك كېسلى»نى تۈپتىن ئوڭشاش ئۈچۈن «جۇڭگوچە رېتسىپ» يېزىپ، «جۇڭگوچە ئەقىل- پاراسەت»نى بېغىشلىدى.

  گوۋۇيۈەن 2013-يىلى دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «مەملىكەتلىك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تېزگىنلەش پىلانى (2011-2020)»نى تەستىقلىدى، بۇنىڭدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، كۈرەش نىشانى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، قۇرۇلۇش مۇھىم نۇقتىسى ۋە كاپالەت تەدبىرىن ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەر بەش تۈردىكى رايونغا ئايرىلىپ، پىلان مۇددىتى ئىچىدە قۇملىشىپ كەتكەن 20 مىليون گېكتار يەرنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.گوۋۇيۈەن 2012-يىلى «بېيجىڭ، تيەنجىن قۇم بۇران مەنبەسىنى تۈزەش پىلانى (2013-2022)»نى ماقۇللىدى، قۇرۇلۇش دائىرىسى ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى، شەنشىدىن ئىبارەت 6 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر) دىكى 138 ناھىيە (خۇشۇن، شەھەر، رايون»نى ئۆز ئىچىگە ئالدى، 2013- يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، بۇ قۇرۇلۇش بويىچە 919 مىڭ 500 گېكتار يەردە ئورمان ئەھيا قىلىش، 32 مىڭ 600 گېكتار يەردىكى قۇمنى توراقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  قۇملۇق يېپىنچا ئۆسۈملىلۈكلىرىنى قوغداش قىزىل سىزىقى، قۇملىشىپ ۋە چۆللىشىپ كەتكەن يەرنىڭ ئىكولوگىيەلىك بوشلۇقىدىن پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش، چۆللىشىپ كەتكەن يەرنىڭ ئىكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزىمى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەتقىقات ۋە ئىسلاھاتتا بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا زور بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىىتمز دۇنيادا تۇنجى بولۇپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن تۈزۈپ يولغا قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تۈزۈم، قاتتىق قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى ئىشەنچلىك كاپالەتكە قىلدى. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتە، يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر