باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.09.08 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىن ئىشلىرى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىندى. ئەسلىدىكى «نىزام» 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دىن جەھەتتە نۇرغۇن يېڭى ئەھۋاللار ۋە يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، ئەسلىدىكى «نىزام» دىن خىزمىتى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشالماي قالدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام» نى ئېلان قىلىش دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دىن خىزمىتى يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، مەركەزنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىن خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى. بۇلتۇر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 15 يىلدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، دىن مەسىلىسى ۋە دىن خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، قوللانمىغا ئىگە قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئالاھىدە تەكىتلىدى: دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، دىنغا چېتىلىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن بويىچە تەڭشەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر