باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى

2017.08.29 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي كۈرەش قىلىشى مەنىۋى كۈچتىن ئايرىلالمايدۇ

  «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، خېبېي سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرغۇچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتەك سەيخەنبا روھىنى يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ چاقىرىقنى چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، بۇرچنى باشتىن-ئاخىر ئەستە مەھكەم ساقلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىكى مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. سەيخەنبا 55 يىلدا «ھەممە يەرنى قۇم-تۇپا باسقان، قۇشلار قونغىدەك دەرەخمۇ تېپىلمايدىغان» قاقاس قۇملۇقتىن «دەريا مەنبەسى، بۇلۇت ماكانى، گۈل دۇنياسى، ئورمان دېڭىزى، قۇشلار جەننىتى»گە ئايلاندى، ئەڭ ئاساسلىقى سەيخەنبالىقلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداشتىكى تارىخىي بۇرچنى باشتىن-ئاخىر ئېسىدە مەھكەم ساقلىدى. بۈگۈن، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش - بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ يېڭى بۇرچى. بايلىق چەكلىمىسى كۈچىيىۋاتقان، مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولىۋاتقان، ئېكولوگىيە سىستېمىسى چېكىنىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتتە، بىز جەزمەن تەبىئەتكە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي ساۋاقنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنىڭ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە تاقىلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزىمىز باشلامچى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇش كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر