باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ساغلام جۇڭگو يېڭى قەدىمىنى مەزمۇت باسايلى

2017.08.28 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 26 -ئاۋغۇست ساغلام جۇڭگو يېڭى قەدىمىنى مەزمۇت باسايلى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بېغىشلاندى ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسىنى تارقاتتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 27-ئاۋغۇست تيەنجىن ئولىمپىك مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىدا باشلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تەنتەربىيەسى يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخى جۇغلانمىنى ئېلىپ، ئۆزى ئاپىرىدە بولغان جايغا قايتىپ كېلىپ يېڭى مۇساپىنى باشلىدى. تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېڭى تارىخىي كوردىناتتا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، جۇڭگونى ساغلاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بارلىق خەلقنىڭ ساغلام بەدەن ۋە ساغلام تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىي ھەمدە كاپالىتى. خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىچكى مەزمۇنى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، تەنتەربىيە ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئومۇم خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ تىز سۈرەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇم خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

  ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا تەلپۈنۈشىنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش، ئۆمۈرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىش تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ زىممىسىگە يېڭى تارىخى بۇرچنى يۈكلىدى. بىز بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، ساغلام جۇڭگونى بىرلىكتە قۇرۇپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ساغلاملىق ئاساسى سېلىپ، كېلەچەكنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا مەردانە قەدەم تاشلايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر