باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىق كېرەك

2017.08.24 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 23-ئاۋغۇست «نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىق كېرەك»، ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا بەزى كادىرلارنىڭ نامرات نوپۇسنىڭ «نامراتلىق قالپىقى»نى ئېلىپ تاشلاشنى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش دەپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاشنى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغانلىق دەپ قاراپ كەلدى. بۇ خىل بىپەرۋالىق روھى ھالىتىگە يول قويۇشقا بولمايدۇ.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جىڭى بىر مەيدان ئۇزاق مۇددەتلىك جەڭ. بىر جەھەتتىن، بىر قىسىم رايونلاردىكى نامرات نوپۇس گەرچە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆلچىمى نىسبەتەن تۆۋەن، ئىجتىمائىي كاپالەتتە يىتەرسىزلىك مەۋجۇت بولغاچقا، ئاپەت، كېسەللىك، ئوقۇش سەۋەبلىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خېيىم-خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت. يەنە بىر جەھەتتىن بەزى نامرات نوپۇسلارنىڭ كىرىمى كۆپەيگەن بىلەن ئۇلار روھى جەھەتتە يەنىلا نامرات، ئىرادىسى بوش، ناچار ئادەتلىرى يەنىلا مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا بىپەرۋالىق، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سالدى.

  ئوبزوردا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈچە مۈشكۈلاتلاردىن غالىب كېلىشكە توغرا كېلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىقى، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش بىلەن توختاپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ يىل 4-ئايدا، ئەمدىلا نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان لەنكاۋ ناھىيەسى ئارقىدىنلا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەسەمياد يىغىنى ئېچىپ، يېڭى نىشان تۈزۈپ، يېڭى تەدبىر چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇردى. بۇ خىل بوشاشماسلىق روھى قىياپىتى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر