باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشتا كەسكىن بولۇپ، تۈزىتىشتە چوقۇم مەسىلىنى ھەقىقىي تۇتۇش كېرەك

2017.08.15 15:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئاممىدىن كەلگەن تېلېفون ئارقىلىق پاش قىلىنغان ئەرزىيەت خەتلىرىدە ئىنكاس بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەر شاۋقۇن ۋە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى بولدى. بۇ ئەرز- تەلەپلەردىكى مۇھىت مەسىلىلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان سۇ، ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، ئىس- تۈتەك ۋە توزان، قاتتىق تاشلاندۇق قاتارلىق مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرى بولۇپ، ئاممىنىڭ سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل، ھاۋاسى ساپ، تىنچ مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ بارغانسېرى تەخىرسىزلەشكەنلىكى، شۇنداقلا مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ دەل ۋاقتىدا بولغانلىقى، زۆرۈرلۈكىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇھىت ئاسراشقا سىجىل كۈچ چىقىرىلدى، «سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىندى، مۇھىت سۈپىتىمۇ كۈنسېرى ياخشىلاندى. لېكىن، ئەمەلىيەت جەريانىدا يەنىلا ئادەتكە ئايلانغان مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، رېئال تۇرمۇشتا تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىش، قوغداشقا سەل قاراش قارىشى بەزى جايلاردا يەنىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى «دېمەككە مۇھىم، قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان» قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كەلگەن. بىز مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك، ئەگەر «تۆت ئاڭ»، نازارەت قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كەمچىل بولسا، قاراش ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە ئايلانمايدۇ، مەركەزنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشمۇ تەسكە چۈشىدۇ؛ شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش دەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مۇھىتنى ناچارلاشتۇرىدىغان ئامىللارنى يوقىتىش بولۇپ، بىز تۈزىتىش جەريانىدا جەزمەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ ۋە ماسلىشىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي تۇتۇشىمىز كېرەك، مەسىلىنى ھەقىقىي تۇتقاندىلا، تۈزىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  مەسىلىنى ھەقىقىي تۇتۇشتا تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىدە، بەلگىلىك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا جازاغا تارتىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بۇ يىل «ئاپتونوم رايوننىڭ <پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)>نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىققەتنى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى مەسئۇلىيەت قىزىل سىزىقىنى بېكىتتى. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغۇچى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىدە خالىغانچە تەدبىر بەلگىلەپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاندىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈش ئەھۋاللىرىنى توسۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە كەڭ قورساقلىق، يۇمشاق قوللۇق قىلىشقا بولمايدۇ، قاتتىق قول بولۇپ، قاتتىق ۋاسىتە قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىدە، ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنى جەزمەن بىر تەرەپ قىلىشىمىز، قەتئىي ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.

  مەسىلىنى ھەقىقىي تۇتۇشتا، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە «قەتئىي يول قويماسلىق» كېرەك. «قەتئىي يول قويماسلىق» − پوزىتسىيە، شۇنداقلا ئاممىغا بولغان ھېسسىياتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش، ئاممىغا تاپشۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئامما تېلېفون ئارقىلىق پاش قىلغان ئەرزىيەت خەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈش، تۈزىتىش خىزمىتى تېز قانات يايدۇرۇلدى، بەزى جايلاردا مۇھىتنى تۈزەش دەرھال ئۈنۈم بەردى، مانا بۇ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە «قەتئىي يول قويماسلىق»نىڭ نەتىجىسى. بىز خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، ئامما ئەڭ رازى بولمىغان، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشتا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ساختىپەزلىك قىلىش، ھەتتا قالايمىقان قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تېخىمۇ ئوچۇق، ئاشكارا مۇھىتتا ئېلىپ بېرىپ، ئاممىغا مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  مەسىلىنى ھەقىقىي تۇتۇپ، ھەقىقىي تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىشتە، مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە «قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندىلا، مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، قاتتىق زەربە بەرگىلى بولىدۇ. بىز مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ، قاتتىق ئىرادىگە كېلىپ، قاتتىق قول بولۇپ، ھەقىقىي كۈچەپ، نازارەت قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، باتۇرلارچە جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن مەسئۇلىيەتنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈپ، مەسىلىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇھىتنى ئاسراشقا سەل قاراش ھەتتا ئاسرىماسلىق قىلمىشلىرىغا كۈچلۈك سىگنال بېرىپ، بۇ ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ گۈزەل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر