باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ (كۈنلۈك سۆھبەت)

2017.08.15 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەن يەنە بىر قانچە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ۋەتەننىڭ قۇدىرەت تاپقانلىقىنى ئۇلار ئۈچۈن كۆپرەك كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن». «15-ئاۋغۇست» ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىغا 72 يىل بولغان پەيىتتە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشقا قاتناشقان 103 ياشلىق جەڭچى سۈن تىڭجياڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى خاتىرە ئىزنىكىنى مەيدىسىگە تاقاپ تۇرۇپ: «بۇ شەرەپ ماڭا مەنسۇپ ئەمەس، ئاشۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان سەپداشلىرىمغا مەنسۇپ»، دېدى.

  ئىزنەك ئۈنسىز بولىدۇ، لېكىن روھ ئەبەدىي بولىدۇ. ياپون باسقۇنچلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قولغا كەلتۈرۈشلا بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى مىللەت روھىنى ئەۋجى ئالدۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇرۇش رەھىمسىزدۇر، تېنچلىق بىباھادۇر. بۈگۈنكى كۈندە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىۋاتىمىز، تورغا چىقىپ مائۇس ئارقىلىق تور پونكىتلىرىنى ئېچىپ، ئىسسىق قان بىلەن پۈتكەن ئاشۇ ياپونغا قارىشى ئۇرۇش ناخشىلىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز، بۇلار ھەممىسى ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەن بۇ ئامانلىق ۋە تېنچلىق ئۈچۈندۇر. جۇڭگو خەلقىنىڭ شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا مەزمۇت تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ياشلىق باھارى بىلەن ئىسسىق قېنى ئارقىلىق تاجاۋۇزچىلارنى مەغلۇپ قىلغان، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەجداتلىرىمىزنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. سىز مەيلى نەدە بولۇڭ، بىز بىلەن بىللە ئاشۇ قۇربان بولغان جۇڭگو ئارمىيەسى، خەلقى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈڭ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرەيلى.

  «ئۇرۇش ئەينەك، ئۇ كىشىلەرگە تېنچلىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونىتىدۇ». ھازىر دۇنيادا، تېنچلىقنى قەدىرلەش، ئۇنى ھىمايە قىلىش، ئۇنى قوغداش كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بىر تەرەپلىمە قاراشلار ۋە كەمسىتىشلەر توقۇنۇشلارنى ھەل قىلالمايدۇ، ئۆچمەنلىك ۋە كېڭەيمىچىلىك تەرەققىيات ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ئۆزئارا ھۈرمەتلەش، بارابەر مۇئامىلە قىلىش، تېنچ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش» تەك توغرا يولدا ماڭساق، ئاندىن ئۇرۇش ئاپىتىدىن يىراق تۇرالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر