باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورى: «پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن تەڭ ئويلاپ، تەڭ ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى»

2017.08.14 14:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن تەڭ ئويلاپ، تەڭ ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىق ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇھىم سۆز قىلغاندا: پۈتۈن پارتىيە مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى بېكىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تەپەككۇرى، تەدبىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن تەڭ ئويلاپ، تەڭ ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن كېمىنى دولقۇنلارنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىتىپ، غەلبېسېرى شانلىق قىرغاققا يەتكۈزۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى. خەلقنى مەركەز قىلىش پارتىيەمىز ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ھاكىىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى. پارتىيە باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن تەڭ ئويلاپ، تەڭ ئىشلىگەندىلا، ئاندىن توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى نامايەن قىلالايدۇ. خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، خەلققە تايىنىپ، خەلقنى كۆزلىگەندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ ئىشلىرى مەڭگۈ تۈگىمەس بايلىققا ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر