باش شۇجى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تەڭداشسىز بەش يىل بولدى. بىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا مۇھىم قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدۇق.پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى قەلىبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە.
ئىدىيە كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
«سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندا ئوخشاش ئاسراپ، ھاياتلىققا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك»... شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئائىت نۇرغۇن پاساھەتلىك سۆزى كىشىلەرگە بەش قولدەك تونۇشلۇق.
ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى. تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ توغرا بولۇش-بولماسلىقى تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى تۈپتىن بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىككە كۆتۈردى. شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى