باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى

___ خەلقئارا جامائەتچىلىك سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى

2017.08.10 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستىنىڭ جيۇزەيگۇ ناھىيەسىدە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 21دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە 7 بال يەر تەۋرىدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە 19 كىشى قازا قىلدى، 260 نەچچە كىشى يارىلاندى.

  ھاياتلىققا چېتىلىدىغان ئاپەت مەلۇماتى بۇيرۇقتۇر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكى، مەركەز تارماقلىرى، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىلمىي قوماندانلىق قىلغانلىقى، يەرلىك ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆز ئارا ھەمدەم بولغانلىقىدەك بىر مەيدان جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئاپەت ئالدىدا بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يەر تەۋرەشتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، كۈچلۈك ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپ باياناتچىسى دىيارىك 8-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزۇش جەھەتتە مول تەجرىبە توپلاپ، ئاپەتتىن پائال، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى ماختىدى ۋە ب د ت نىڭ خالىغان ۋاقىتتا زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك، كۈچلۈك ئېلىپ بېرىلدى

  ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى تور پونكىتى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، كۇبا لاتىن ئامېرىكىسى ئاگېنتلىقى، ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور پونكىتى، ھىندىستاننىڭ «بىرىنچى پوچتا گېزىتى» ۋە پاكىستان «مۇنبەر گېزىتى» قاتارلىق دۇنيادىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ ئاخباراتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال يوليورۇق بېرىپ، «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تېزدىن كۈچ تەشكىللەپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ساياھەتچىلەر ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش»نى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر