باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>غەلبەسىرى ئىلگىرىلىگەن بەش يىل

ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، سۈرئەتنى تېزلىتەيلى

دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل•ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش)

2017.08.10 14:31   مەنبە: خەلق تورى

دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل•ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش)

  خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئىلمىي ماقالىسىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىلىش مىقدارى ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا بويىچە 2- ۋە 4-قاتاردا تۇردى؛ تۆمۈرلۈك ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ، كۋانت ئالاقىسى، ئادەملىك ئالەم كېمىسى قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى تۇ يۇيۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى... تېز سۈرئەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق دۆلىتىمىز قىسمەن ساھەلەردە دۇنيا پەن تېخنىكىسىدىكى «ئەگەشكۈچى»دىن «ھەمدەم بولغۇچى»، «باشلامچى»غا ئايلاندى.

  «نەتىجىنى ئىختىساسلىقلار يارىتىدۇ، ئىشنى ئىختىساسلىقلار راۋاجلاندۇرىدۇ» پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىياتنىڭ 1-بايلىقىغا ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى. جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى يىغىپ ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تونۇش، قەدىرلەش، ھۆرمەتلەش، ئىشلىتىش شامىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئۇلۇغ ئىشلارنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتەك گۈزەل مېلودىيەلەرنى يېزىپ چىقتى.

  ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىش كېرەكچەت ئەللىكلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇش كىنىشكىسىنى ئالغان بېيجىڭ «شېنجۇ تەييۆ» يۇمتال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، كانادا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ۋاڭ گوخۇا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئىشىمنى ئاسانلاشتۇردى! ئەمدى يىلدا تەكرار ۋىزا بېجىرىش ئۈچۈن باش قاتتۇرمايدىغان بولدۇم.

  ۋاڭ گوخۇانىڭ باش قېتىقچىلىقىنى ھەل قىلغىنى 2016-يىلى يولغا قويۇلغان «بېيجىڭدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ 20 ماددىسى» ئىدى. بۇ 20 تۈرلۈك سىياسەت چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئىختىساسلىقلارنى دائىمىي تۇرۇش، پورت ۋىزىسى، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ئىجازىتى قاتارلىق چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش قولايلىقى بىلەن تەمىنلەپ، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ دائىمىي ئولتۇراقلىشىشىغا «ئۇدۇل يول» ئېچىپ بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس…
    ·ش ئۇ ئا ر دا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئالتىدىن سەككىزگىچە سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ قۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
    ·2017-يىلى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 11 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ