باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرايلى

— ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2017.08.08 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەزى مۇھىم تارىخىي پەيتلەر ھەمىشە ئەسلەش جەريانىدا كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىزگە، خاتىرىلەش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بۈگۈن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بىز ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە بەخت تىلەيمىز!

  ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئوت يالقۇنى ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونوم رايون __ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى رەسمىي قۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. 70 يىلدىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 642 ھەسسە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغىنى 145 ھەسسە ئېشىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا ئاتا قىلىنغان مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى نەچچە ئەۋلاد ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش مارشىنى ياڭرىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت نادىر ھېكايىلەرنى پۈتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېڭى دەۋردە ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان مەزگىلگە قدەم قويدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، مىللەتلەر تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر