باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى توغرىسىدىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيلى

2017.08.07 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلۇغ دەۋر تەسىرلىك ھېكايىلەرنى پۈتىدۇ، قالتىس ئىشلار ئوبدان شەرھىلەشكە مۇھتاجدۇر.

  سېسىق پۇرايدىغان كۆللەر سۇلۇق يەر باغچىسىغا ئايلاندۇرۇلدى، بۇنداق «ۋادا بويىچە ئىدارە قىلىش-تۈزەش» ئارقىلىق شەھەر ئېكولوگىيەسى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؟ ئىلگىرى گىياھ ئۈنمەيدىغان «كان ئۆڭكۈرى» قانداق قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ جۇشقۇن «يېشىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» كە ئايلاندۇرۇلدى؟ يېشىللىقنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ ئاساسى قىلىشتا، ھەر بىرىمىز نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» دىكى چوڭ-چوڭ ئاساسىي تېما تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئېلىمىز زېمىنىنى قەدەملىرى بىلەن كېزىپ، نەزىرىنى ئاساسىي قاتلاملارغا قارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىكى ئويغىنىشلارنى خاتىرىلەپ، ئىدىيەگە، ئىللىقلىققا ئىگە، سۈپەتلىك ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ياراتتى. «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» مەخسۇس سەھىپىسىدە «يېشىل تەرەققىيات، يېشىل تۇرمۇش» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، ئېلىمزىنىڭ بىر قاتار گۈزەل «ئاخبارات نىمەتلىرى» كۆپچىلىككە تەقدىم قىلىندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ بەش يىل، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ۋە پۈتكۈل جەريانىغا تەدرىجى سىڭدۈرۈلگەن ھالقىلىق بەش يىل بولدى. «مۇھىت ئاسراش قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قانۇننىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالىيالايدىغان «چىش» ى چىقىشتىن، «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك» ى بەرپا قىلىنىشقىچە؛ «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىشانىنى باھالاش چارىسى» يولغا قويۇلۇپ، مۇھىت ئاسراش بېسىمى قاتلاممۇ-قاتلام چۈشۈرۈلۈشتىن، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشقا «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە بولغان بۇ بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسكىن ئىش كۆرۈش ئىرادىسى، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش غەيرىتى بىلەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ساھەسىدىكى جاھىل سوزۇلما كېسەلنى يوقىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنىيلاشتۇرۇش يولىغا كىرگۈزدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» نى بېسىپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرىلەش يولىغا كىرگۈزۈپ، «سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇش بىر بايلىق» دەيدىغان ئىدىيەنى كىشىلەر قەلبىگە تەدرىجى سىڭدۈردى. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سالمىقى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان، ئەڭ ئەمەلىي تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان، ئەڭ تېز ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان مەزگىلگە قەدەم قويدى. كەڭ ھەم چوڭقۇر ئۆزگۈرۈشلەر، كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر بارلىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى ئەڭ جانلىق ئاخبارات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر