باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (3)

2017.08.04 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى ئىسسىق قان ۋە ھايات بەدىلىگە پۈتۈلگەن؛ خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە تايىنىش ئارقىلىق يارىتىلىدۇ.

  «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك». جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا تاشلانغان مەزمۇت قەدەملەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى، شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىشنىڭ ئىدىيە يېتەكچىسى.جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيە قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى. 90 يىللىق قاينام-تاشقىنلىقتا دۆلىتىمىز، مىللىتىمىز ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قەد كۆتۈرۈشتىن بېيىش، قۇدرەت تېپىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ تارىخىي مۇساپىدە خەلق ئارمىيەسى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كۆرەشلەر داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرۇلۇش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئىلگىرىكى بىرلا خىل ئارمىيە تۈرىدىن كۆپ خىل ئارمىيە، قىسىم تۈرى بىرلەشكەن قۇدرەتلىك ئارمىيەگە، ئىلگىرىكى «سۆك ۋە مىلتىق» بىلەن قوراللانغان ئارمىيەدىن ماشىنىلىشىشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرلىشىشقا تېز يۈرۈش قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك ئارمىيەگە تەرەققىي قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى دۇرۇس خەلق ئارمىيەسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربىي ئىشلارغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىشتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى تۈزۈپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى قايتا بەرپا قىلىپ، تەشكىلىي شەكىل، كۈچ سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەپ، ئىستىل، ئوبرازىنى قايتا يارىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى قايتا رەتكە سېلىپ يولغا چىقىپ، ھەيۋەتلىك، جەڭگىۋار ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مەنزىرسىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر