باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشتىكى ئۇلۇغ كۈچ

ــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (2)

2017.08.03 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى، بەختى ئۈچۈن داۋام ئەتكەن 90 يىل شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلگەن يىللاردۇر؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن داۋام ئەتكەن 90 يىل ئىسسىق قانلار تۆكۈلگەن ئەبەدىي تارىختۇر.

  «خەلق ئارمىيەسىنىڭ شانلىق تارىخى ئىسسىق قان ۋە ھايات بەدىلىگە يارىتىلغان، بىزنىڭ مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى جاپالىق ئىزدىنىش ئاساسىدا توپلانغان، شۇڭا ئۇنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق ئارمىيەسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا سادىقلىق ۋە دادىللىق تۈرتكە بولغان، ئۇ مەڭگۈ بىزنى ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ». جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى ئەڭگۈشتىرى ۋە كۈچىنى چوڭقۇر شەرھىيلەپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىلىرىنى ئېچىشنىڭ ئىدىيە يېتەكچىسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  جۇڭگو ئىنقىلابى، دۆلەت قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان قوشۇن. 90 يىلدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر يۈرۈش ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىلدۈردى. خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە ئىلگىرىلىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچى، غايە-ئېتىقادنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچى، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچى، كۆرەش قىلىش روھىنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچى، ئىنقىلابىي ئىنتىزامنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچى، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ «ئالتە ئۇلۇغۋار كۈچ» دەپ يىغىنچاقلاپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىدە چوقۇم ۋارىسلىق قىلىپ جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ئەڭگۈشتەر، مەڭگۈ ئۆچمەس قىزىل قان تومۇرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. خەلق ئارمىيەسىنىڭ 90 يىلدىن بۇيانقى شانلىق تارىخىنى چۈشىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كونا ئارمىيەدىن پەرقلىنىدىغان سىياسىي ئالاھىدىلىكى ۋە تۈپ ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىدىغان ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر