باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنى پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك

2017.07.25 14:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى يولداش سۈن جېڭسەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ قارار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى، پارتىيەمىزنىڭ ئىنتىزام ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىرادە، بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت، بىردەك قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھەر قانداق ۋاقىتتا پارتىيە ئىنتىزامىنى چوقۇم چىڭىتىپ، پارتىيەنى پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. ئىدىيەنى تۇتۇشتا قاتتىق بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام ئىجراسىنى تۇتۇشتا قاتتىق بولۇش، ئەمەلدارلارنى باشقۇرۇشتا قاتتىق بولۇش، ئىستىلنى تۇتۇشتا قاتتىق بولۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتۇشتا قاتتىق بولۇش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئاچقۇچ ‹‹قاتتىق›› بولۇشتا. جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ، لىڭ جىخۇا، سۇ رۇڭ قاتارلىقلارنىڭ قانۇنغا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى پارتىيەمىزنىڭ ئىنتىزام ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن پىرىنسىپتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، پارتىيە ئىچىدە ئىنتىزامنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدە تەشكىلات ياكى ئالاھىدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. مەيلى كىم بولۇشىدىن، ۋەزىپىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن، خىزمەت ئىستاژىنىڭ قانچىلىك ئۇزاق بولۇشىدىن، تۆھپىسىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلا بولسا چوقۇم قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ۋە قاتتىق جازالىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەلەي سىناش خىيالىدا بولۇشىغا، قانۇننى كۆزگە ئىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئاچقۇچلۇقى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ <ھالقىلىق ئاز سانلىق>لارنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ››. ‹‹يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار خاتالىق سادىر قىلسىلا پەيدا قىلىدىغان زىيىنى زور بولىدۇ، پارتىيەنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ››. شۇڭا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇشىنى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا ئۆزىنى توغرىلاش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىنى ۋە ئۇلارنى يېتەكلىشىنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى. يولداش سۈن جېڭسەيگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش پۈتۈن پارتىيەگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالغانلىقتۇر. رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، پاك – دىيانەتلىك بىلەن ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەلەپچان بولۇش ئېڭى، ئۈلگە بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىر دەرىجە، بىر دەرىجىنى يېتەكلەيدىغان، بىر دەرىجە بىر دەرىجىنى تۇتىدىغان ئۈلگە ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پاك مۇھىتىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  پولاتتەك ئىنتىزام بولغاندىلا، قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قوشۇن بولىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي جازالاش ئىرادىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىققا دائىر خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر