باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سەھىپە نامى: جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل . ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرايلى

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچايلى

____ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى توغرىسىدا

2017.07.24 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تەشۋىقات-مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ ئالاقىدار ۋەزىپىلىرىنى بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈردى، خەلقنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش كۈچەيتىلىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي رامكىسى بېكىتىلدى.

  مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، قانداق قىلغاندا ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ؟ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا مەدەنىيەتنى سىرتقا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەتنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەتلىشىش تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ دەۋر ئوتتۇرىغا قويغان بۇنداق مۇھىم مەدەنىيەت تېمىسىغا نىسبەتەن چوقۇم مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جاۋاب تېپىش كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ پىلانلاپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

  «مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ ئاساسىي، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ مەزمۇت بولغان ئىشەنچ»، «تېخىمۇ نېگىزلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان، تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈچ»؛

  «ئەسلىنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتنىڭكىنى قوبۇل قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۆزگەرتىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ھالقىش كېرەك»؛

  «جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىش كېرەك»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئالمىشىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»؛

  «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇش، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش-باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك»؛

  «ئىدېئولوگىيە خۇسۇسىيىتى بىلەن كەسىپ خۇسۇسىيىتى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك. نېمىنى ئۆزگەرتىش، قانداق ئۆزگەرتىشتىن قەتئىينەزەر يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىستېھكامنى تارتقۇزۇپ قويماسلىق كېرەك»؛

  ......

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى پارتىيىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلىپ، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر