باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئالايلى

2017.07.21 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكنى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىگە، مىللەتنىڭ كىلەچىكىدىكى چوڭ پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىكولوگىيەلىك قىزىل سىزىق ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان «پاسىل». بۇ قېتىم گەنسۇ ئۆلكىسى چىليەنشەن تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە مەسئۇل خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلدى، بۇ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى چوڭقۇر ئىپادىلەپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك قوغدىشىمىز، ھاياتلىققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى چىليەنشەن تېغىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچلىققا ئۇچراش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليۇرۇق بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەھۋالدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىغان. چىليەنشەن تېغىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىشى قاتارلىق تىپىك دېلو مىسالىغا قارايدىغان بولساق، بۇنىڭغا رەھبىرى كادرلار مەسئۇل بولماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىسى ، بەزى جايلاردا ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلالماسلىق، ئىجرا قىلىش كەسكىن بولماسلىق مەسىلىسى، بەزى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىشى جايىدا بولماسلىق، مەجبۇرلاش كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يوشۇرۇنغان. ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تىلغا ئالسا مۇھىم ھېسابلىنىدىغان، توۋلىسا شۇئار بولىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرگەندە كۈچىمەيدىغان ئىش ئەمەس، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى كىم بۇزسا، شۇنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيان يەتكۈزۈشتە مەسئۇلىيىتى بار رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر