باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، تەرەققىياتقا سىڭىشكەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى

2017.07.19 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇكەممەللىشىپ ۋە راۋاجلىنىپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن كىشىلەرگە جۇڭگوچە دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يېڭى ۋەزىيەتتە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىشىمىز كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى.

  يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئىسلاھات بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، تەرەققىياتقا سىڭىشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىل بولۇش جەھەتلەردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى تۈزۈلمىسى مېخانىزمىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، نۇرغۇن تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  قانۇن چىقىرىش ھوقۇق دائىرىسىنى تەقسىملەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەن: ھەرقانداق مۇھىم ئىسلاھاتتا قانۇننى ئاساس قىلىش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل ۋاقتىدا قانۇن چىقىرىش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە، پۈتۈن جەمئىيەت بىردەك ئەمەل قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانى ۋە نىزامىغا ئايلاندۇرىشى كېرەك.

  قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمىسىنى دەۋر بىلەن تەڭ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىققان قانۇن لايىھەلىرىدە، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېت ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى باش بولۇپ تۈزگەن لايىھەلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش جەريانىدىكى يېتەكچىلىك رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. مۇھىت قوغداش قانۇنى، قانۇن چىقىرىش قانۇنى، مەمۇرىي دەۋا قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى قاتارلىق مۇھىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە تۈزۈشنىڭ ھەممىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتى ياكى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت كومىتېتى باش بولۇپ تۈزدى؛ «بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە» مەسئۇل بولۇپ تۈزىدىغان قانۇن لايىھەلىرىدە، ئالاقىدار كومىتېتلار ئالدىن ئارىلىشىپ، لايىھەدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىپ، ۋاقتىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، رايون تەسىس قىلغان شەھەرلەرگە يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بەردى. ھازىر، يېڭىدىن يەرلىككە نىزام چىقىرىش ھوقۇقى بەرگەن 273 شەھەر، ئوبلاست ئىچىدە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بېكىتىشى بىلەن 269 ى يەرلىك نىزام تۈزۈشكە باشلىغان، 300 نەچچە يەرلىك نىزام ئېلان قىلىنغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر