باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

«مۇقىم» دېگەن سۆزدىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يىل ئوتتۇرىسىدىكى ئەھۋالىغا نەزەر

2017.07.13 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا «دۇنيا ئىقتىسادى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى» دېگەن مۇھىم سىگنال چىقىرىلدى. دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ياخشى بولۇش-بولماسلىقى-دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بولغان ئالدىنقى يېرىم يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سانلىق مەلۇماتى پات ئارىدا چىقىرىلىدۇ، دۇنيا بۇ «يېرىم يىللىق دوكلات»تىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش يۈزلىنىشىنى بىلىۋېلىشنى كۈتمەكتە. ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا «مۇقىم بولۇش» ئالدىدا تۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى چىڭىپ، ئۇزۇنغا چىداشلىق بېرىش كۈچى يېتەرلىك بولغان، ئۇزۇن مۇددەت ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىگەن.

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىدىن ئايان بولۇشىچە، 6-ئايدا ياسىمىچىلىقنىڭ سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى بۇ يىل ئىچىدىكى 2-يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن ھەم ئۇدا توققۇز ئاي %51 تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان.

  7-ئايدا، جۇڭگونىڭ ھەممە يېرى ياز پەسلىگە كىردى. ئۇدا ئىسسىق بولغان ھاۋا رايىغا ئوخشاش، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىمۇ داۋاملىشىپ، قۇرۇلمىسى تەڭشىلىشىپ جەريانىدا سەرخىللىشىپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ دەرىجىسى تىپىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئۆستى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شىڭ جىخوڭ مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدە مۇقىملىق-ئاساسىي يۆنىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش-ھالقىلىق سۆز، ياخشى بولۇش-ئومۇمىي يۈزلىنىش بولدى. ماكرولۇق ئىقتىسادنى تەڭشەپ تىزگىنلەشتىكى تۆت چوڭ نىشاندىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى، خەلقئارا كىرىم-چىقىم مۇقىم بولدى؛ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، تەمىنات-تەلەپ قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى سەرخىللىشىپ، ئىلگىرىلەشتە يېڭى مەزمۇن پەيدا بولدى؛ تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى، بازارنىڭ ئىشەنچىسى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ياخشى ئەھۋال بارلىققا كەلدى.

  دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى «يەر شارى ئىقتىسادىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادى داۋاملىق مۇقىم ئاشتى، ئىقتىسادنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش-كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ سىجىللىقىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادى داۋاملىق ياخشىلاندى، ئەمما، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى تەڭپۇڭ بولمىدى، قۇرۇلمىلىق كۈچلۈك ئېشىش يەنىلا پەيدا بولمىدى. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدىمۇ نۇرغۇن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانماقتا. خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، مۇقىم ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن تەرەققىيات دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا ئوبدان تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

  بىز تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى ئىسلاھات ئىرادىسىگە، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر