باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سەھىپە نامى: جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل

خەلق ئارمىيەسىنى يېتەكلەپ، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش يولىغا قاراپ ئاتلىنايلى

-يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

2017.07.11 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ۋاقىت خۇددى ئاققان سۇدەك ئۆتىۋاتىدۇ. ھەر بىر دەبدەبىلىك مۇساپىلەر ئۇزاق تارىخ جەريانىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قىسقىغىنا بەش يىلدا، ئارمىيەمىز 90 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ شۇ قەدەر قۇدرەت تاپتى، شۇ قەدەر زورايدى -- پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ئېنىق بېكىتىلدى، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىغا جىددىي كىرىشتى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا دادىل قەدەم تاشلاندى، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگىدەك مەردانە قەدەم تاشلاندى... رەئىس شى جىنپىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك قايتا تۈزەپ، جەسۇرانە ئالغا بېسىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە تارىخىي قەدەم باستى.

  قاتمۇقات تاغ-داۋانلىق يېڭى ئۇزۇن سەپەر ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان يولباشچىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان شى جىنپىڭ ماركسىزملىق سىياسىئونلارنىڭ سىياسىي ئەقىل-پاراسىتى، نەزەرىيە جاسارىتى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى تەڭداشسىز جاسارەت بىلەن ئىدارە قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى كەڭ نەزەر دائىرەسى ئارقىلىق پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلق ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئالىي ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

  ئېگىز تاغلاردىن ئېشىپ توختىماي ئىلگىرىلىمەكتىمىز، يەلكەنلەرنى چىقىرىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا باسماقتىمىز. پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر رەئىس شى جىنپىڭغا تامامەن ئىشىنىدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىمىز مۇستەھكەم، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەيمىز.

  ئۇلۇغۋار ئىشلار پىلانلىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇساپىسىگە يېتەكلەندى.

  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش -جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. بۇ ئۇلۇغ ئارزۇ-دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، ئارمىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى».

  ---شى جىنپىڭ

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر