باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پورت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا

2017.07.06 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگە سوزۇلغان يول. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 21-ئەسىردە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭىدىن كەڭ يول كۆرسىتىپ بەردى؛ بۇ جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان يول، «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشىنىڭ گۈزەل مەنزىلىنى يۇرۇتۇپ بەردى. پورت _ دېڭىز يىپەك يولىنىڭ چىقىش پەللىسى ۋە ئۇنىڭ تېرىكى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى فۇجۇنىڭ چۈەنجۇ پورتى، جېجياڭنىڭ نىڭبو پورتى، گۇاڭدۇڭنىڭ گۇاڭجۇ پورتى، جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ پورتى، شەندۇڭنىڭ پېڭلەي شەھىرى، گۇاڭشىنىڭ بېيخەي شەھىرىدىن كېمە ھەيدەپ دېڭىزغا چىقىپ، يىراقلارغا سەپەرگە ئاتلىنىپ، دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ، شەرق-غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز يىپەك يولىنى ئاچتى.

  پورت تەرەققىياتى ئەزەلدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يوليۇرۇقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، شۇنداقلا قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى پورت قۇرۇپ، يۈرۈش لىنىيەسىنى پىلانلاپ، پورت «دوستلار چەمبىرى»نى بەرپا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، پورتتىن ئىبارەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى چوقۇم دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، دېڭىز يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر