باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ياخشى كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقايلى

2017.06.30 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، تۇنجىي قېتىم «ياخشى كادىر» ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ياخشى كادىر ھەققىدە : قانداق كادىرنى ياخشى كادىر دەيمىز، قانداق قىلغاندا ياخشى كادىر بولۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ ياخشى كادىرلارنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ دېگەن ئۈچ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، تۆت يىلدىن بېرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى كادىر ھەققىدىكى بۇ سوئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بەرمەكتە.

  ھاياتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ياخشى كادىر لەن خۇي، يېڭى دەۋردە ئەدلىيەنى ئەل ئۈچۈن ئادىل يۈرگۈزۈپ كەلگەن، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالغان ياخشى كادىر زوۋ بىخۇادىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى دەپ نام بېرىلگەن لياۋ جۈنبوغىچە تۆت يىلدىن بېرى نۇرغۇن ياخشى كادىرلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ياخشى كادىرلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، سادىقلىق بىلەن ھۆكۈمەتكە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بولۇشى، دۇرۇس، پاك بولۇشى كېرەك.

  ياخشى كادىرنىڭ قاتتىق ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك. باش شۇجى ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ پارتىيەلىك كادىرلاردىن سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى پارتىيە مەركىزىي مەكتىپىنىڭ بىرىنچى قارار ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە تۇنجى قېتىم «قەلبىدە پارتىيە بولۇش، ئەل بولۇش، مەسئۇلىيەت بولۇش، چەكلىمە بولۇش دېگەن تۆت بولۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، باش شۇجى تۆمۈردەك مۇستەھكەم ئېتىقاد، تۆمۈردەك مۇستەھكەم غايە، تۆمۈردەك چىڭ ئىنتىزام، تۆمۈردەك قاتتىق مەسئۇلىيەت بولغان كادىرلار قوشۇنى يېتىلدۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، تۆت يىلدىن بېرى باش شۇجى شى جىنپىڭ ياخشى كادىرلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۈزلۈكسىز سۆرەتلەپ كەلدى.

  ياخشى كادىرلارنى قانداق تاللاپ چىقىش، ئىشلىتىش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ شەخسەن ئۆزى كادىرلار ئشىلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئىلگىرى سۈردى، «پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش خىزمىتى نىزامى» يولغا قويۇلۇپ 12 يىلدىن كېيىن 2014-يىلى 1-ئايدا ئۇنىڭغا يېڭىباشتىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئېلان قىلىندى، ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى يېڭى نىزامدا ئېنىق ئىپادىلەندى.

  ياخشى كادىرلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش، بايقاش، ياخشى تاللاش بىلەن بىرگە 4 يىلدىن بېرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرەلەيدىغان، قالدۇرالايدىغان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلارنىڭ مەسىلىسى بار تۇرۇپ ئۆستۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى ھەمدە بىر قاتار تۈزەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، لاياقەتسىز كادىرلارنىڭ ئۆستۈرۈلىشىنى توستى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزىرىنى ناھايىتى نۇرغۇن تارىخي ئالاھىدىلىككە ئۇلۇغ كۆرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ۋە جۇڭگوچە سوتسيالىزىم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ھەققىدە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كادىرلار قوشۇنىدا يىپيېڭى قىياپەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر