باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىستىلىنى توسايلى

2017.06.13 15:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مۇخبىر بىر قىسىم دۆلەت كارخانىلىرىدا زىيارەتتە بولغاندا بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا بىر كۈندە يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ 20،30دەك ھۆججىتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى، ھۆججەتلەردە كارخانىنىڭ «بىرىنچى قول باشلىقلىرى»نىڭ مەلۇم خىزمەتكە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇشى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئىگىلىدى. بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى: بۇ 20،30 ھۆججەتنى بەزى ۋاقىتتا كۆرۈپمۇ بولالمايمىز، ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇش ۋە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچىمىز، دېدى.

  مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىدە ئېنىق ھالدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ھۆججەت قىسقا ئاددىي بولۇش، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش، ماھىيەتلىك مەزمۇن بولمىغان، تارقاتسىمۇ، تارقاتمىسىمۇ بولىدىغان ھۆججەتلەر، قىسقا خەۋەرلەرنى بىردەك تارقاتماسلىق كېرەك. ئەمما بەزى رايونلار ۋە تارماقلار يەنىلا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تارقاتماقتا، ھەتتا ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. بۇ خىل قەغەزۋازلىق ئىستىلى-خىزمەتتە ئاممىدىن، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغانلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى.

  يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆججەتلىرى بەك كۆپ، تۆۋەن دەرىجىلىكلەر بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى-ھۆججەت كەلسە، ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىپ بىۋاسىتە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ياكى قوبۇل قىلغۇچى قارىغۇچىلارغا داۋاملىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈش. مۇشۇنداق «دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇ قاتلام چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپى «دەرىجىمۇ دەرىجە بېسىش، قاتلاممۇ قاتلام ھۆججەت تارقىتىش»قا ئۆزگەردى. بۇ خىل ئىستىل توسولمىسا، يۇقىرى درەىجىلىك ئورۇنلار قارىغۇچىلارچە ھۆججەت تارقىتىش، تۆۋەندىكىلەر قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەش، خىزمەتلەر ھۆججەتنى چۆرىدەپ ئۈنۈمسىز بولۇش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.

  «ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ھادىسىسى بىر قىسىم جايلار ۋە تارماقلاردا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى-بىر قىسىم كادىرلار قىلىشنى خالىمايۋاتىدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ، ئۇلار ھۆججەتنى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان قالقان قىلىۋالغان.

  ياخشى ئىستىل-ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا، ياخشى چارە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا بارلىققا كېلىدۇ. «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل»غا قارشى تۇرۇشنىڭ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى ئاچقۇچ-ئەمەلىي بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە. بىيۇكراتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەمەلىي بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كادىرلارغا ئاساسى قاتلامغا چۈشۈش، راستچىل بولۇش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر