باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندىكى زىيارىتى «بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۇختىلايدۇ

2017.06.08 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نەزەربايېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 7-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى ۋە ئاستانە مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا ئۈچىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ئۇدا بەشىنچى يىلى قاتنىشىشى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ مەقسىتى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا رايون ھەمكارلىقىنى چىڭىتىش، ئۇ شۇنداقلا يەنە «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىك سەپىرى، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي سەپەر بولىدۇ.

  2013-يىلى 9-ئايدا، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان يېڭى دەۋرىنى ئاچقان ئىدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە ئىشىنىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى.

  ھازىر قازاقىستان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى، ئاسىيا-ياۋروپا رايونىدىكى بىرىنچى چوڭ تاشقى مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، يېڭىلىق يارىتىش، پەن-تېخنىكا، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى جانلانماقتا، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا.

  دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ نەزەربايېف ئون نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. بۇ قېتىمقى قازاقىستان زىيارىتى «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشى بولىدۇ، بۇ دەل جۇڭگو-قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەنە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە زۇڭتۇڭ نەزەربايېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشىدۇ ھەمدە بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىت بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە قىلىدۇ.

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن قازاقىستاندا خۇشاللىنارلىق ئىشلار ئۈزۈلمىدى. قازاقىستان «كەلگۈسى ئېنېرگىيە» باش تېمىسىدىكى مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، تەكلىپكە بىنائەن بۇ مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، بۇ ھەم قازاقىستاننىڭ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشىنى كۈچلۈك قوللىغانلىق، ھەم جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر كۆرگەزمىگە قاتنىشىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەت سارىيى بولغان مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق جۇڭگو سارىيى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشكە تولۇق كىرىشتى.

  ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى گەۋدىلىك بولماقتا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە خېيىم-خەتەر، خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشكە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى تەپەككۇر، يېڭى تەدبىرلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم باشلامچىسى ۋە يېتەكچىسى بولغان جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى قايسى يۆنىلىش خاراكتېرلىك تەشەببۇسلار بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقى باشقىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا.

  رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى قازاقىستان زىيارىتىدە قەدىناس دوستلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، كەلگۈسىنى پىلانلايدۇ، رايون ھەمكارلىقىغا يېڭى لايىھە تۈزۈپ بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر